ئىسمى : پارول:
     
   
ئورنىڭىز : بىكەت باش بېتى >> يېڭى خەۋەرلەر >> مەزمۇن كۈرۈش

ئامېرىكا ئۇچالايدىغان ئاپتوموبىلنى رەسمىي بازارغا سالدى

2010-07-10 22:21:54 مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى    كۆرۈلىشى : 859قېتىم

    ئامېرىكا Terrafugia شىركىتى ياسىغان ‹‹ قوش ماكانلىق ›› ئاپتوموبىل ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى . ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش تارماقلىرى يېقىندا بۇ ئاپتوموبىلنى سودا خاراكتېرلىك ئىشلەپچىقىرىشقا رۇخسەت قىلغان .

    بۇ ئاپتوموبىل 30 سېكۇنت ئىچىدە ئايروپىلانغا ئۆزگىرەلەيدىغان بولۇپ ، شوپۇر جايىدا ئولتۇرۇپلا بۇ مەشغۇلاتنى تاماملىيالايدىكەن . بۇ ئاپتوموبىلنى ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىدا خىزمەت قىلىدىغان قۇرۇلۇش ئېنژېنىرى لايىھەلىگەن بولۇپ ، ئامېرىكا ماسساچۇسېتس ئىشتاتى Terrafugia شىركىتى ياساپ چىققان . بۇ ئۆزگىرىشچان ئاپتوموبىل يەردە ماڭغاندا ، سائەتلىك سۈرئىتى 145 كىلومېتىرغا ، قاناتلىرىنى كېرىپ ئاسماندا ئۇچقاندا ، سائەتلىك سۈرئىتى 185 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن . بىر باك قوغۇشۇنسىز بېنزىن قاچىلىۋالسا 805 كىلومېتىر مۇساپىىنى باسالايدىكەن . 

   ياسىغۇچى شىركەت مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى : بۇ ئۆزگىرىشچان ئاپتوموبىل كۆپ تۈرلۈك سىناقلاردىن ئۆتتى . ئۇ ئادەتتىكى ئاپتوموبىلغا ئوخشاش يولدا ماڭالايدىغان ، ئايروپىلانغا ئوخشاش ئۇچالايدىغان بولۇپ ، ناھايىتى تېز ئۆزگىرەلەيدۇ . بۇ ئۆزگىرىشچان ئاپتوموبىلنىڭ زاكالەت پۇلى 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ ، نۆۋەتتە ، 70 ئادەم زاكالەت پۇلى تاپشۇرۇپ ، قىممىتى 194 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق (تەخمىنەن 1 مىليون 314 مىڭ خەلق پۇلى) بۇ ئۆزگىرىشچان ئاپتوموبىلنى سېتىۋېلىشقا تىزىملاتتى .

 

بىز ھەققىدە | ئالاقىلشىڭ | بىز كىم | سۆز قالدۇرۇڭ | 0

Copyright © 2009-2012 Tarmilar.Com All Rights Reserved
تور بېكىتمىىزنىڭ نەشىر ھوقوقى شىنجاڭ تەرمىلەر ئۇنۋېرسال تور بېكىتىگە تەۋە خالىغانچە ئىشلەتمەڭ!
يېڭىلىقلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ ! ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ !
تور بېكىتىمىزدە دۆلەتنىڭ قانۇن پەرمانلىرىغا رىئايە قىلمىغان سۆز ھەركەتلەرنىڭ بولىشىغا يول قويۇلمايدۇ ، كىمكى خىلاپلىق قىلىدىكەن .
ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . بېكىتىمىز تورداشلارنىڭ مەدەنيەتلىك ۋە ئەخلاقلىق بولىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ

قىززىق لىنىيە تېلېفۇنى : 7125701-0997 , 13319788845 نورمال خىزمەت ۋاقتى ( 19:00 ~ 08:00 ) ئىچىدە تېلفۇن قىلىڭ

دوستۇم  بېتىمىزدە ھازىر سىز بىلەن جەمىي   ئادەم تەرمىلەرنى زىيارەت قىلىۋاتىدۇ

تور بېكەت سېستىمىسى بىلەن تەمىنلىگەن رازىمەن توربېكىتىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز !