ئىسمى : پارول:
     
   
ئورنىڭىز : بىكەت باش بېتى >> يېڭى خەۋەرلەر >> مەزمۇن كۈرۈش

‹‹دۇنيا لوڭقىسى›› پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ كىرىمى 8 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كېتىدىكەن

2010-07-10 22:20:32 مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى    كۆرۈلىشى : 206قېتىم

ارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى سېپ بلاتتې

    ‹‹دۇنيا لوڭقىسى›› دېگەن نېمە ؟ بۇ سۇئالغا ھەممە كىشى تالىشىپ تۇرۇپ ، ئەڭ نوچى ‹‹ پۇتبول مۇسابىقىسى›› ئەمەسمۇ دەپ جاۋاپ بېرىشى مۇمكىن . ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق بىر يەككە تۈردىكى خەلقئارالىق تەنتەربىيە تەشكىلاتىنىڭ ھەممىسى قەرەللىك ھالدا دۇنيا مىقياسىدا مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرىدۇ . مەسىلەن تىك–تاك توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ، ۋاسكىتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى قاتارلىقلار . بىراق ‹‹دۇنيا لوڭقىسى›› پەقەت پۇتبولنىلا كۆرسىتىدۇ . سىز ئۇنىڭ باشقا تەنتەربىيە تۈرلىرىدىنمۇ ئېسىل ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلماي تۇرالمايسىز . ئۇ زادى قانچىلىك ئېسىل ؟ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ، پەقەت پۇتبول ‹‹دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى›› لا مۇشۇنداق بىر ئاي ئېلىپ بېرىلىدۇ ، ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقە ۋاقتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ .

 ‹‹دۇنيا لوڭقىسى›› پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ كىرىمى 8 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىكەن

   2008–يىلى 9–ئايدا ‹‹جۇڭگو ئىقتىساد ھەپتىلىكى›› نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ 2005–يىلدىن 2008– يىلىغىچە بولغان تېلىۋىزىيىدە ئۇلاپ تارقىتىش ئومومىي كىرىمى بىر مىليارد 737 مىليون دوللار ، ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ھەمكارلىق پىلانىنىڭ كىرىمى 866 مىليون دوللار بولۇپ ، ئىككى تۈرنىڭ ئومومىي كىرىمى ئۈچ مىليارد دوللارغا يېقىنلاشقان . ھالبۇكى ، شۇنداق بولسىمۇ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ كىرىمىنى جەنوبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ كىرىمى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ .  

   مۇددىتى بىر ئاي بولغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى خۇددى پۇل بېسىش ماشىنىسىغا ئوخشاش بولۇپ ، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىگە ئېلىپ كەلگەن كىرىمى سەككىز مىليارد دوللاردىن ئاشىدىكەن . خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ كىرىمى ئاساسلىقى تېلىۋىزىيە ئۇلاپ تارقىتىش ھوقوقىنى سېتىش ، زاۋۇت – كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ھەم دۇنيا لوڭقىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنى سېتىشتىن كىرىدىكەن . بۇنىڭ ئىچىدە تېلىۋىزىيە ئۇلاپ تارقىتىش ھوقوقى ئىككى مىليارد يەتتە يۈز مىليون دوللار ، زاۋۇت – كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش كىرىمى ئىككى مىليارد دوللار ، مۇسابىقە مەخسۇس مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش تىجارەت كىرىمى تۆت مىليارد دوللار ئىكەن .

   بۇنىڭدىن جەنوبىي ئافرىقا زوڭتۇڭى زۇما ناھايىتى رازى بولۇپ ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ھەتتا جەنوبىي ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادىغا %0.5 لىك ئېشىش ئېلىپ كېلىدۇ ، دەپ قارايدىكەن . جەنوبىي ئافرىقا بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن تۆت مىليارد ئۈچ يۈز مىليون دوللار خەجلىگەن بولۇپ ، ئالدىن قىياسقا ئاساسلانغاندا ، جەنوبىي ئافرىقا بۇنىڭدىن 13 مىليارد دوللار ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشىدىكەن . بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمونمۇ بۇ نەتىجىنى جەزىملەشتۈرگەن . پالۋان لوڭقىسىنىڭ ئافرىقا قۇرۇقلىقىغا تۇنجى قېتىم قەدەم بېسىشى بىلەن جەنوبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن ، ئافرىقىمۇ قايتا گۈللۈنىشنى كۈتىۋالىدىكەن.

دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرىدىغانلارنىڭ سانى ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىدىن ئېشىپ كەتكەن

   خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ ئىستاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا ، جۇڭگولۇق تېلىۋىزىيە تاماشىبىنلىرىنىڭ سانى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان . مانا بۇ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان سېھرىي كۈچىنىڭ تەسىرى بولۇپ ، بۇنىڭدىن يەنە جۇڭگودىكى كەڭ پۇتبول بازىرى ھەم كۈچلۈك پۇتبول قىزغىنلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكەن . بىراق ، مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاڭ خېپىڭ : ‹‹ دۆلەت ئىچىدىكى كۆرۈش نىسبىتىدىن قارىغاندا ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى يەنىلا كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى مۇسابىقە ھېسابلىنىدۇ ، ھېچقايسى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى بۇنىڭدىن ئېشىپ كېتەلمىدى›› دېگەن.

   بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ دۆلەت ئىچىدە ناھايىتى يۇقىرى كۆرۈلۈش نىسبىتىگە ئىگە بولۇشى ئاساسلىقى ئۇنىڭ جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلىشى بىلەن بولغان . چەت ئەللەردە ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى دۇنيا لوڭقىسىنىڭكىدەك يۇقىرى بولمىغان . مۇشۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئالغاندىمۇ نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى كۆرۈلۈش نىسبىتى ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن.

 

بىز ھەققىدە | ئالاقىلشىڭ | بىز كىم | سۆز قالدۇرۇڭ | 0

Copyright © 2009-2012 Tarmilar.Com All Rights Reserved
تور بېكىتمىىزنىڭ نەشىر ھوقوقى شىنجاڭ تەرمىلەر ئۇنۋېرسال تور بېكىتىگە تەۋە خالىغانچە ئىشلەتمەڭ!
يېڭىلىقلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ ! ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ !
تور بېكىتىمىزدە دۆلەتنىڭ قانۇن پەرمانلىرىغا رىئايە قىلمىغان سۆز ھەركەتلەرنىڭ بولىشىغا يول قويۇلمايدۇ ، كىمكى خىلاپلىق قىلىدىكەن .
ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . بېكىتىمىز تورداشلارنىڭ مەدەنيەتلىك ۋە ئەخلاقلىق بولىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ

قىززىق لىنىيە تېلېفۇنى : 7125701-0997 , 13319788845 نورمال خىزمەت ۋاقتى ( 19:00 ~ 08:00 ) ئىچىدە تېلفۇن قىلىڭ

دوستۇم  بېتىمىزدە ھازىر سىز بىلەن جەمىي   ئادەم تەرمىلەرنى زىيارەت قىلىۋاتىدۇ

تور بېكەت سېستىمىسى بىلەن تەمىنلىگەن رازىمەن توربېكىتىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز !