уйғурчә
قايغۇلۇق خەۋەر: ئەلگە تونۇلغان داڭلىق سەنئەتكار،ئۇيغۇر دىراممىچىلىقىغا زور تۆھپە قوشۇپ،مېھرىبان ئانىلارنىڭ ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ،خەلقىمىزنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن تالانتلىق ئۇستاز ئارتىسىمىز زۇنۇنقىز ئىلاخۇن 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى كېسللىك سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى.SkTئىزباسار ئۇنۋىرسال تورىئەلگە تونۇلغان داڭلىق سەنئەتكار زۇنۇنقىز ئېلاخۇن 1936 - يىلى 6 - ئايدا غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان . ئۇ ئۆزىنىڭ ناخشا ئېيتىشتىكى تەبىئىي تالانتى بىلەن 1951 - يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا ئۆلكىلىك ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىندى . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن زۇنۇنقىزنىڭ مول مەزمۇنلۇق ۋە ئەگرى - توقاي سەنئەت ھاياتى باشلاندى. ئۇ ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ، « غېرىپ - سەنەم » ، « يىتىملار يېشى » ، « توي » ، « كۈرەش يولى » ، « گۈلنىسا » ، « غۇنچەم » قاتارلىق ئوپېرا ، درامىلاردا باش روللارنى ئېلىپ كەسىپتە ناھايىتى تېز ئىلگىرىلىدى . SkTئىزباسار ئۇنۋىرسال تورىئەپسۇس ، زۇنۇنقىز 1960 - يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 1970 - يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە داۋاملاشقان « سول » چىلىق شامىلىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ 10 يىلدىن ئارتۇق كەسپىتىن ئايرىلىپ قالدى . 1979 - يىلى ئۇنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىدە ئىشلەشكە باشلىدى ھەم 1980 - يىلى 3 - ئايدا بۇ ئۆمەك تەييارلىغان « غېرىپ - سەنەم » ئوپېراسىدا ئىلگىكى « سەنەم » ئەمەس ، بەلكى غېرىپنىڭ ئاپىسى « مېھرىبانۇم » بولۇپ سەھنىدە قايتا جۇلالاندى . شۇنىڭدىن باشلاپ زۇنۇنقىز « چىن مودەن » ، « تاشۋاي » ، « سىز بىزگە ئىشىنەمسىز » ، « كېلىنلەر قوزغىلىڭى » قاتارلىق كۆپلىگەن دارمىلاردا يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئوبراز يارىتىپ تاماشىبىنلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى . SkTئىزباسار ئۇنۋىرسال تورىزۇنۇنقىز يالغۇز تىياتىر ساھەسىدىلا ئەمەس ، كىنو - تېلېۋىزىيە ساھەسدىمۇ بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان سەنئەتكاردۇر . ئۇ 1959 - يىلە ئىشلەنگەن « بوستانلىقتا تەنتەنە » ناملىق فىلىمدا رول ئېلىش بىلەن ئۆزىنىڭ ئېكران ھاياتىنى باشلىغاندا . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ 20 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى « زوزۇڭتاڭ » ، ھېكايە فىلىم « مەلىكە ئاماننىساخان » ، 9 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى « تىمتاس گۇگۇم » ، قىسقا تېلېۋىزىيە تىياتىرى « كەچۈر ئانا » ، ، « يىراققا تارالغان قوڭغۇراق ئاۋازى » ، 5 قىسىملىق تېلېۋىزىيى تىياتىرى « يىراق يېزىغا مۇھەببەت » ۋە ئىككى قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن « ئۆچكەن يۇلتۇز » ، « تەڭرى گۇۋاھ » ، ، « ئالىمجان بولۇمسىزمۇ » ، « سەرسان روھ » ، « چىن سۆيگۈ » ،« كۆزۈمدە لىق ياش » ۋە20 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى « شىنجاڭ قىزلىرى » دا ئوخشىمىغان كەچۈرمىش ۋە خاراكتېرىگە ئىگە؛2010-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بۇ مىھرى ئىسسىق ئانا كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۈرۈمچىدە بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.
Copyright © 2009-2012 Tarmilar.Com All Rights Reserved تور بېكىتمىىزنىڭ نەشىر ھوقوقى شىنجاڭ تەرمىلەر ئۇنۋېرسال تور بېكىتىگە تەۋە خالىغانچە ئىشلەتمەڭ! يېڭىلىقلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ ! ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ ! تور بېكىتىمىزدە دۆلەتنىڭ قانۇن پەرمانلىرىغا رىئايە قىلمىغان سۆز ھەركەتلەرنىڭ بولىشىغا يول قويۇلمايدۇ ، كىمكى خىلاپلىق قىلىدىكەن . ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . بېكىتىمىز تورداشلارنىڭ مەدەنيەتلىك ۋە ئەخلاقلىق بولىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ قىززىق لىنىيە تېلېفۇنى : 7125701-0997 , 13319788845 نورمال خىزمەت ۋاقتى ( 19:00 ~ 08:00 ) ئىچىدە تېلفۇن قىلىڭ
دوستۇم بېتىمىزدە ھازىر سىز بىلەن جەمىي ئادەم تەرمىلەرنى زىيارەت قىلىۋاتىدۇ