ئىسمى : پارول:
     
   
ئورنىڭىز : بىكەت باش بېتى >> تەرمىلەر >> مەزمۇن كۈرۈش

ئاپتونوم رايونىمىز 1 مىليون ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ

2010-07-28 15:01:18 مەنبەسى:تەر مىلەر تور بېكىتى   كۆرۈلىشى : 109قېتىم

 

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون بۇ يىلدىن باشلاپ 30 نامرات ناھىيەدە نۇقتىلىق تۈردە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەبلەغ سېلىنمىسى ۋە تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىش ئارقىلىق 12 - بەش يىللىق پىلاننىڭ ئاخىرىغىچە نامرات ئاھالىدىن 1 مىليوننى ئازايتىدىكەن.

   ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت نامراتلارنى يۆلەپ راۋاجلاندۇرىدىغان نۇقتىلىق ناھىيەدىن 27 سى، ئاپتونوم رايون نامراتلارنى يۆلەپ راۋاجلاندۇرىدىغان نۇقتىلىق ناھىيەدىن ئۈچى بولۇپ، 2 مىليون 270 مىڭ ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كېرەك ئىكەن. بۇ يىل 17 ناھىيەدە نۇقتىلىق تۈردە نامرات ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاش، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قاتارلىق تۈرلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە 130 مىليون يۈەن ئاجرىتىلغان.

   بۇ ئىشخانىنىڭ مۇدىرى جاۋ گومىڭنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئاپتونوم رايون كەلگۈسى 10 يىلدا 10 مىليون مو سورتلۇق باغ بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتىدىكەن، نەسىللىك چارۋا بېقىش كەسپىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىدىكەن، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، 2010 - يىلىغىچە نامرات دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرىدىكەن.

 

بىز ھەققىدە | ئالاقىلشىڭ | بىز كىم | سۆز قالدۇرۇڭ | 0

Copyright © 2009-2012 Tarmilar.Com All Rights Reserved
تور بېكىتمىىزنىڭ نەشىر ھوقوقى شىنجاڭ تەرمىلەر ئۇنۋېرسال تور بېكىتىگە تەۋە خالىغانچە ئىشلەتمەڭ!
يېڭىلىقلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ ! ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ !
تور بېكىتىمىزدە دۆلەتنىڭ قانۇن پەرمانلىرىغا رىئايە قىلمىغان سۆز ھەركەتلەرنىڭ بولىشىغا يول قويۇلمايدۇ ، كىمكى خىلاپلىق قىلىدىكەن .
ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . بېكىتىمىز تورداشلارنىڭ مەدەنيەتلىك ۋە ئەخلاقلىق بولىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ

قىززىق لىنىيە تېلېفۇنى : 7125701-0997 , 13319788845 نورمال خىزمەت ۋاقتى ( 19:00 ~ 08:00 ) ئىچىدە تېلفۇن قىلىڭ

دوستۇم  بېتىمىزدە ھازىر سىز بىلەن جەمىي   ئادەم تەرمىلەرنى زىيارەت قىلىۋاتىدۇ

تور بېكەت سېستىمىسى بىلەن تەمىنلىگەن رازىمەن توربېكىتىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز !