ئىسمى : پارول:
     
   
ئورنىڭىز : بىكەت باش بېتى >> تەرمىلەر >> مەزمۇن كۈرۈش

بەخىت ئۈچۈن تۆلەنگەن ھايات

2010-07-26 22:02:53 مەنبەسى:تەر مىلەر تور بېكىتى   كۆرۈلىشى : 149قېتىم

 
 ئاپتور: نىيازئەلى ئادىل (تۈن لىرىكىسى)
/uploadfile/edebiyat/uploadfile/201007/20100725060849242.gif');" src="http://www.sanam.com.cn/uploadfile/edebiyat/uploadfile/201007/20100725060849242.gif" onload="if(this.width>'700')this.width='700';if(this.height>'700')this.height='700';" border=0>
    يامغۇر يەنە يېغىشقا باشلىدى. دەرىزە ئەينەكلىرىگە ئۇرۇلۇپ ئاستا-ئاستا سىرغىپ چۈشىۋاتقان ئۆتكۈنچى يامغۇرغا قاراپ،بۇ قىسقىغىنەھايات سەپىرىمنى ئەسلەپ قالدىم.
   ھايات بىر ئۆتكۈنچى يامغۇرغا ئوخشايدىكەن. ئادەملەر ئەشۇ يامغۇرنىڭ ھەر بىر تامچىسىكەن. گاھىللىرى كۆللەرگە چۈشسە گاھىللىرى ئېتىز ئېرىقلارغا چۈشىدىكەن. گاھىللىرى گۈل بوستانلارغا چۈشسە، گاھىللىرى قاقاس چۆللۈكلەرگە چۈشىدىكەن. مەن ئۆزۈمنى  باشقىلارنىڭ ھاياتلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە ئۆمۈرىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان، ئەشۇ قاقاسلىققا چۈشكەن يامغۇر تامچىسىغا ئوخشاتتىم.
  كېسەل كارۋىتىدا ياتقىنىمغا خېلى كۈنلەر بولۇپ قالدى. گەرچە قۇرۇپ قالاي دېگەن بولساممۇ، دوستلىرىمنىڭ مەجبۇرلىشى ئاستىدا مۇشۇ كارۋاتتا ئەزرائىل بىلەن تىركىشۋاتىمەن. تارتىشقۇدەك ھېچنىمەم يوق...كۆڭلۈم قانداقتۇر بىرسىنىڭ كېلىشىنى، ئۇنى ئاخىرقى قېتىم بىر كۆرۈشنى كۈتىۋاتقاندەك قىلاتتى.    بەلكى بۇ سەندۇرسەن گۈلسۈم...
 كۆڭلۈملا ئەمەس مىنىڭمۇ سېنى شۇنداق كۆرگۈم كەلدى . ئەمما...
    يېنىمدىكى كارۋاتتىكى بىمارنىڭ ئوپىراتسىيەدىن چىققىنىغا خېلى بولۇپ قالدى. يېنىدىكىسى بەلكى ئۇنىڭ سۆيگەن قىزى بولسا كېرەك. ئۇنىڭ ھوشىغا كېلىشىنى كۈتۈپ ئاخىر ئۇنىڭ كارۋىتى ئۈستىگە بېشىنى قويۇپ ئولتۇرغىنىچە ئۇيقۇغا كەتتى. ئۇلارغا قاراپ ئىككىمىزنىڭ بالىلىق چاغلىرىمىزنى ئەسلەپ قالدىم .
   
   ھېلىھەم ئېسىمدە...كىچىگىمدە سەھرادىكى ئەشۇ توپىلىق يوللارغا بەكلا ئامراق ئىدىم. دائىم دېگۈدەك دوستلىرىمنى باشلاپ ئۆيىمىزنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى ئورمانغا بېرىپ دەرەخلەرنىڭ شېخىنى سۇندۇرۇپ ئات قىلاتتۇق. توپىلىق يوللاردا چارچىماي يۈگىرەيتۇق. مىھىرىبان ئانام سەھەردىلا كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ، پاكىز رەتلىك كىيىندۈرۈپ قوياتتى. خوشاللىقىمدا قىن-قىنمغا پاتماي يۈگۈرگىنىمچە ئۆيدىن چىقىپ ئورمانغا قاراپ يۈگىرەيتىم. دوستلىرىممۇ مەندىن بۇرۇن كېلىپ بولاتتى. گاھىدا چۈشلۈك چايغا قايتىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالاتتىم.دوستلىرىم بىلەن بىللە ھەرخىل ئويۇنلارنى ئوينايتۇق. كەچ كىرىپ، ئانامنىڭ ئۆگىزگە چىقىۋىلىپ چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلىغىنمدىلا، چىۋىق ئېتىمنى مىنىپ، كىيمىمدىكى توپىلارنىمۇ قاقماي، توپا بولۇپ كەتكەن يۈز كۆزلىرىم بىلەن  دوستلىرىمغا خوش ئېيتىپ ئۆيگە قايتاتتىم.
كۈنلەر ھەقىقەتەن تېز ئۆتىدىكەن. سەبى گۆدەك چاغلىرىم ئەشۇ توپىلىق يوللار بىلەن ئورمان ئوتتۇرسىدا تال چىۋىقنى ئات قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى. ھەش پەش دېگۈچە مەكتەپ يېشىگىمۇ توشتۇم.
ئانام ئۆز قولى بىلەن چىرايلىق قىلىپ بوقچا تىكىپ بەردى. ئۇ چاغلاردا بۇنداق بوقچىلارنى ھەممىلا باللار ئاسالمايتى.سەھەر ئورنىمدىن تۇرۇپ پادىلارنى ھەيدەپ تاققا چىقىرۋەتكەندىن كىيىن ئاندىن مەكتەپكە ماڭاتتۇق. ئۇخلاپ قالغان كۈنلىرىم ئانامنىڭ توسقىنىغىمۇ قارماي بىر پارچە ناننى ئېلىپ پادىلارنى قوغلىغىنىمچە دوسلىرىمغا يېتىشەتتىم. بىز بىرلىكتە پادىلارنى تاققا يەتكۈزۋەتكەندىن كىيىن ئاندىن مەكتەپكە قاراپ يول ئالاتتۇق.
كەچتە مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، يەنە شۇ كۈن چىقىشتىكى ئورمانغا بېرىپ تاپشۇرۇق ئىشلەيتۇق. ئالدىراش ئىشلەپ پۈتكەندىن كىيىن يەنە ئويۇن ئوينايتۇق. ئەنە شۇ گۆدەك چاغلىرىمدىكى مەكتەپ ھاياتىمدىن باشلاپلا سەن قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدىن ئورۇن ئالغان ئىدىڭ.
ئۇ كۈنى كەچ مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ، دوستلىرىم بىلەن كېلىشىپ قويغۇنۇم بويىچە يەنە شۇ ئورمانغا باردىم. كەچ قۇرۇنلىقى بۇ ئورمان بەكلا ئاۋات بولۇپ كېتەتتى. مەھەلىدىكى بالارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردە جەم بولىشاتتۇق. چوڭلار بولسا ئىشىك ئالدىدىكى ئورۇندۇقلاردا توپ-توپ بولۇشۇپ ئۆز پاراڭلىرى بىلەن بولۇپ كېتەتتى.
سىنىڭ ئۆيۈڭ ئورماننىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدە بولۇپ ئىككىمىزنىڭ ئۆيىنى ئەشۇ چوڭ ئورمان ئىككىگە بۆلۈپ تۇراتتى. سەنمۇ دائىمقىدەك دوستلىرىڭ بىلەن بىرگە ئوينىغىلى كەلگەن ئىدىڭ. تاپشۇرۇقلار پۈتكەندىن كىيىن، بىز نېمە ئويۇن ئويناش توغۇرلۇق تالاش-تارتىش قىلىشتۇق. قىزلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مۆكۈمۆكۈلاڭ ئويناشتا چىڭ تۇردى. گەرچە دوستلىرىم بۇنىڭغا قوشۇلمىسىمۇ،بۇنداق چاغلاردا مىنىڭ دېگىنىم ھېساب ئىدى. چۈنكى دادام شەھەرلىك بىلىملىك كىشى بولۇپ، مەن تېخى بىر ياشقىمۇ توشمىغان چاغلىرىمدا تاغامنى ۋە سەھرادىكى تىنىچلىقنى پانا تارتىپ مۇشۇ سەھراغا كۆچۈپ كەلگەن ئىدى. شۇڭلاشقا يېزىدىكلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دادامنى بەكلا ھۆرمەتلەيتى. دادامنى ئەمەس ئۇنىڭ بىلىمىنى ھۆرمەتلەيتى.
مۆكۈمۈكۈلاڭ باشلىنىپ بىز ھەر تەرەپكە قېچىشتۇق. دەل شۇ چاغدا سەن ماڭا ئەگىشىپ ئورمانىڭ شىمال تەرىپىدىكى قاسىم بويتاق ئاكىنىڭ سامان دۆۋىسىگە مۆكۈندۈڭ. ئۇ چاغلاردىكى باللار ھازىرقى باللاردەك توخو يۈرەك ئەمەس ئىدى.قاراڭغۇدىن قورقماي قانچە يىراققا مۆكۈنسە، باشقىلار تاپالمىسا ئۇ شۇنچە باتۇر ھېسابلىناتتى. تۆنۈگۈنكى ئويۇندا مەن مۇشۇ جايغا مۆكۈنۈپ باللار مىنى تاپالماي ئۆيلىرىگە كېتىشكەندىن كىيىن ئۆيگە ئۆزۈم يالغۇز قايتقانلىقىم ئۈچۈن،بۈگۈن بىر كۈن مەكتەپتە مىنىڭ بۇ باتۇرلىقىمنى باللار بەس-بەستە سۆزلىشىپ يۈرۈشكەن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن بۈگۈن سەن ماڭا ئەگىشىپ ماڭدىڭ.
خېلى كەچ كىرىپ قالدى. بەلكى باللارمۇ ئۆز يولىغا راۋان بولۇشقاندۇ...شۇنداقتىمۇ بىز مۆكىۋالغان يەردىن چىقماي ئولتۇردۇق. ھەر ئىككىمىزنىڭ ئۇيقۇمىز كەلگەن بولسىمۇ، مەن ئوغۇل بالا بولغانلىقىم ئۈچۈن يەنىلا غەيرەت قىلدىم. سەن ئاخىر بەرداشلىق بېرەلمىدىڭ.
- تۇغلۇق ئاكا، بەكلا ئۇيقۇم كېلىپ كەتتى. باللارمۇ قايتىپ بولۇشقاندۇ؟ بىزمۇ قايتايلى!
- بولمايدۇ. - دېدىم مەن كېسىپلا. - تۈنۈگۈن ئۇلار مىنى تاپالمىغان شۇڭلاشقا بۈگۈن چوقۇم قايتماي ئىزدەيدۇ. ئۇيقىڭىز كەلگەن بولسا مۇشۇ يەردە ئۇخلاۋىرىڭ، مەن كېتىدىغان چاغدا سىزنى ئويغۇتىمەن.
گەرچە سەن ئۇخلاشتىن خىجىل بولغان بولساڭمۇ، كۆزلىرىڭ ئاستا-ئاستا يۇمۇلۇپ مۆرەمگە بېشىڭنى قويۇپ ئۇخلاپ قالدىڭ. دەسلەپتە سىنى ئويغاتماقچى بولدۇم. بىراق سىنىڭ شۇنچە تاتلىق ئۇخلاۋاتقانلىقىڭنى كۆرۈپ نىيىتىمدىن يىنىپ ساڭا سەپ سېلىشقا باشلىدىم.
ئىككىمىزنىڭ ئۆيىمىزنىڭ ئارلىقى خېلى يىراق بولسىمۇ قوشنا ھېسابلىناتتۇق. گەرچە  كىچىكىمىزدىن تارتىپ تونۇشساقمۇ ساڭا ئانچە دېققەت قىلماپتىكەنمەن. كىچىگىڭدىنلا شۇنداق چىرايلىق ئىكەنسەن. قاپقارا قېشىڭ بۇ ئورماننى خىرە يورۇتۇپ تۇرغان ھىلال ئايدەك ئەگىرى بولۇپ ،ئەشۇ چاغدا كىرپىكلىرىڭنى، تاغاملارنىڭ ئۆيىدىكى تاغدىن تۇتىۋالغان كىيىكنىڭ بالىسىنىڭ كىرپىكلىرىگە ئوخشاتقان ئىدىم. كۆزلىرىڭمۇ بەلكى ئەشۇ كىيىكنىڭكىگە ئوخشايدىغاندۇ دەپ ئويلىدىم،- ئىچىمدە.  بىراق سەن كۆزۈڭنى مەھكەم يۇمغىنىڭچە ئۇيقىدا ئىدىڭ. يۈزلىرىڭ خۇددى ئالدىنقى كۈنىلا يوقالغان تولۇن ئايدەك نۇرلۇق ھەم پارقىراق ئىدى. ئىنچىكە ئۆرىۋالغان چاچلىرىڭ مۆرەڭدىن ئېشىپ تۇراتتى. بەلكى كىچىكىڭدىن تارتىپلا ئۆستۈرگەن بولساڭ كېرەك.  گەرچە كەچ كىرىپ كەتكەن بولسىمۇ سېنى ئويغۇتۇشقا قىيمىدىم. شۇ تەرىقىدە خېلى ئولتۇردۇق.
<<دائىم دېگۈدەك دوستۇم غەيرەت بىلەن بىللە ئوينايتىم. ئۇ سىڭلىسىنى ئېلىپ چىقاتتى. كەچ كىرگەندە سىڭلىسى ساڭا ئوخشاشلا ئاكىسىغا يۆلۈنۈپ ئۇخلاپ قالاتتى. غەيرەت مىڭ بىر تەستە ئۇنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كېتەتتى. ئۇنىڭغا بەكلا ھەۋىسىم كېلەتتى.ئەشۇ چاغلاردا شۇنىڭغا ئوخشاش بىر سىڭلىم بولۇپ قالسىچۇ دېگەن خيالغا كەلگەن ئىدىم.>>
 توساتتىن سېنى ئۆيۈڭگە كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ قويۇش خىيالىغا كەلدىم. گەرچە مەندىن بىر ياش كىچىك بولساڭمۇ بىراق ئىككىمىزنىڭ بوي تۇرىقى ئانچە پەرىقلەنمەيتى. سېنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كېتىش ئۇنچە ئاسانغا توختىمايتى. 
2010-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى پەيشەنبە چۈشتىن كىيىن سائەت6:00

داۋامى بار...
 

بىز ھەققىدە | ئالاقىلشىڭ | بىز كىم | سۆز قالدۇرۇڭ | 0

Copyright © 2009-2012 Tarmilar.Com All Rights Reserved
تور بېكىتمىىزنىڭ نەشىر ھوقوقى شىنجاڭ تەرمىلەر ئۇنۋېرسال تور بېكىتىگە تەۋە خالىغانچە ئىشلەتمەڭ!
يېڭىلىقلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ ! ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ !
تور بېكىتىمىزدە دۆلەتنىڭ قانۇن پەرمانلىرىغا رىئايە قىلمىغان سۆز ھەركەتلەرنىڭ بولىشىغا يول قويۇلمايدۇ ، كىمكى خىلاپلىق قىلىدىكەن .
ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . بېكىتىمىز تورداشلارنىڭ مەدەنيەتلىك ۋە ئەخلاقلىق بولىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ

قىززىق لىنىيە تېلېفۇنى : 7125701-0997 , 13319788845 نورمال خىزمەت ۋاقتى ( 19:00 ~ 08:00 ) ئىچىدە تېلفۇن قىلىڭ

دوستۇم  بېتىمىزدە ھازىر سىز بىلەن جەمىي   ئادەم تەرمىلەرنى زىيارەت قىلىۋاتىدۇ

تور بېكەت سېستىمىسى بىلەن تەمىنلىگەن رازىمەن توربېكىتىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز !