ئىسمى : پارول:
     
   
ئورنىڭىز : بىكەت باش بېتى >> تەرمىلەر >> مەزمۇن كۈرۈش

تاقالماس ئىشىك

2010-07-26 22:01:55 مەنبەسى:تەر مىلەر تور بېكىتى   كۆرۈلىشى : 156قېتىم

 

( نەسىر )

سەمەت مۇھەممەت رامىزان

    سېنى سېغىنغان قەلبىم ئىرادەمنى باش ئەگدۈرۈپ، مېنى ئاۋات شەھىرىڭگە باشلاپ كەلدى. ئىشىكىڭ ئالدىدا تەلمۈرۈپ تۇرىمەن ، بۇردا نانغا زار غېرىپ مىسكىن سائىلدەك. ئىشىك ئېچىلىپ غەمگۈزارىڭ ئاناڭ چىقىپ ، قولىدىكى بىر بۇردا ناننى ماڭا تەڭلىدى. ‹‹ياق›› دەپ بېشىمنى لىڭشىتتىم ، كۆزۈمدە لىق ياش. ‹‹ماڭا بىر تال گۈلىڭىز كېرەك ئىدى›› دېدى قەلبىم بۇلاق سۈيىدەك شىۋىرلاپ ، يۈزۈم شەلپەردەك قىزاردى. ھويلاڭدا پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەر ئىچىدىن نازۇك غۇنچىدىن تاللاپ بىر تال ئۈزۈپ چىقىپ ، ماڭا تەڭلىدى غەمگۇزارىڭ . قەلبىم يەنە يەڭگىل باش چايقىدى . بىچارە قەلبىم ئاشۇ مېھرى ئىللىق موماينىڭ كۆزىگە قانداق كۆرۈندىكىن تاڭ ، بىلمەيمەن ، ‹‹يوقال!›› دېدى كۆزلىرى چۆچەكتەك يوغىناپ ، نەپەسلىرى تېزلىشىپ . ئىشىكىڭ جالاققىدە يېپىلىپ ، بىچارە نىمجان يۈرىكىم قالدى قىسىلىپ ...  دېرىزەڭ ئېتىلدى ھالرەڭ پەردىلىرى تارتىلىپ . قۇم بارخانلىرىدا چوڭ بولغان ‹‹سەھرالىق تومپاي›› بولۇپ قالغىنىم گۇناھىم بولسا كېرەك ، تۇغما ‹‹شەھەرلىك›› ئاناڭنىڭ نەزەرىدە . قەلبىم ئىنتىلىدۇ ، تىلىم تىترەيدۇ ‹‹سىز ئەسلى سەھرالىق ئەمەسمىدىڭىز؟›› دەپ سوراشقا ، سورىيالمايدۇ...

  ئىشىك ئالدىڭدىن كېتەلمەيمەن ، قىزىل گۈلنى چۆرگىلەپ كېتەلمىگەن ئاشىق بۇلبۇلدەك . دېرىزەڭ يوچۇقلىرىدىن چىقىۋاتقان پىغانلىق ناخشاڭنى ئاڭلاپ يۈرەك تارىم تىتىرەيدۇ ، گويا ئىزغىرىن كۈز شاماللىرىدا تىترىگەن ھالسىز ياپراقتەك . كىرپىكلىرىمدە شەبنەم تامچىسى ، يۈرىكىمدە چەكسىز ئىنتىلىش ، دېرىزەڭ تۈۋىگە يۆلىنىپ ناخشاڭغا جۆر بولىمەن ئۆزۈممۇ سەزمەستىن . يەر تېگىدىن ئاڭلىنىۋاتقاندەك مۇڭلۇق ئاۋازىڭ چىقىۋاتقان يوچۇقلاردىن قىستىلىپ كىرىپ باغرىڭغا سىڭىپ كەتكۈم ، سوۋىغان قانلىرىمىزنىڭ دېڭىز تاشقىنلىرىدەك تومۇرلىرىمىزغا پاتماي مەۋج ئۇرۇشىنى ، قاغجىرىغان يۈرەكلىرىمىزنىڭ جەننەت قۇشىدەك قىن – قىنىغا پاتماي سەكرىشىنى تېڭشىغۇم كېلىدۇ ، سۈكۈتكە چۆمۈپ . ھەممىگە پەرۋايىم پەلەك !!!

   گەرچە ئۆيۈڭنىڭ ئىشىك – دېرىزىلىرى ئېتىك بولسىمۇ ، قەلب دېرىزىمىزنىڭ – پاك سۆيگۈمىزنىڭ ئىشىكىنىڭ ئۇلۇغ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ قەلبىم . ئۈمىد نۇرلىرى چاراقلاپ يانىدۇ ، غەمكىن كۆزۈمدە . غېرىپ كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ ، دېڭىز تاشقىنىدەك . ھاياتتا ساپ دىل ، سادىق ، چىن ھەقىقىي ئىنسان ئۈچۈن بىر مۇقەددەس ئىشىك — ساپ مۇھەببەت ئىشىكىنىڭ دائىم ئوچۇق تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن . ئاشۇ مۇقەددەس ئىشىكنى ھېچقانداق بىر كۈچ تاقىۋېلىشقا قادىر ئەمەس ، گۈلۈم! غەمگۈزارىڭ ئاناڭغا ئېيت ، ئۇ قەلب ئىشىكىمىزگە قۇلۇپ سالىمەن دەپ بىھۇدە ئاۋارە بولمىسۇن!!!

 

بىز ھەققىدە | ئالاقىلشىڭ | بىز كىم | سۆز قالدۇرۇڭ | 0

Copyright © 2009-2012 Tarmilar.Com All Rights Reserved
تور بېكىتمىىزنىڭ نەشىر ھوقوقى شىنجاڭ تەرمىلەر ئۇنۋېرسال تور بېكىتىگە تەۋە خالىغانچە ئىشلەتمەڭ!
يېڭىلىقلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ ! ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ !
تور بېكىتىمىزدە دۆلەتنىڭ قانۇن پەرمانلىرىغا رىئايە قىلمىغان سۆز ھەركەتلەرنىڭ بولىشىغا يول قويۇلمايدۇ ، كىمكى خىلاپلىق قىلىدىكەن .
ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . بېكىتىمىز تورداشلارنىڭ مەدەنيەتلىك ۋە ئەخلاقلىق بولىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ

قىززىق لىنىيە تېلېفۇنى : 7125701-0997 , 13319788845 نورمال خىزمەت ۋاقتى ( 19:00 ~ 08:00 ) ئىچىدە تېلفۇن قىلىڭ

دوستۇم  بېتىمىزدە ھازىر سىز بىلەن جەمىي   ئادەم تەرمىلەرنى زىيارەت قىلىۋاتىدۇ

تور بېكەت سېستىمىسى بىلەن تەمىنلىگەن رازىمەن توربېكىتىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز !