2010-07-21 19:59:40 مەنبەسى:تەر مىلەر تور بېكىتى كۆرۈلىشى :
975قېتىم

تۇغۇلغان ۋاقتىدا ئەمدىلا 23 ھەپتىلىك بولغان «يانچۇق بوۋىقى» ۋە ئۇنىڭ قوش كېزەك ئىنىسى يېقىندا ئەنگىلىيىدە تۇغۇلۇپ ھايات قېلىپ،خۇددى بىر مۆجىزىدەك ئىش بولغان، بۇلار ئەنگىلىيىدىكى ئانىسىنىڭ قورسىقىدا تۇرغان ۋاقتى ئەڭ قىسقا بولغان قوش كېزەك بولۇپ قالغان.

قوش كېزەك ئامىليا ۋە ئارتور پەقەت دادىسىنىڭ ئالقىنىچىلىك چوڭلۇقتا بولۇپ، ئۇلار تۇغۇلغان ۋاقتىدىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 510گرام ۋە 567 گرام كەلگەن ، ئىككىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى قوشقاندا بىر خالتا قەنتچىلىك بولىدىكەن.
ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، قوش كېزەكلەرنىڭ ئىنىسى ئاچىسى تۇغۇلۇپ ئون كۈندىن كىيىن تۇغۇلغان. مىدىتسىنا ساھەسىدە بۇ خىل ئەھۋال ئىنتايىن ئاز ئۇچىرايدىكەن.

ئامىلىيا تۇغۇلغان ۋاقتىدا ھېچقانداق ھاياتلىق ئالامەتلىرى يوق بولۇپ، دوختۇرنىڭ قۇتقۇزۇشى بىلەن بۇ كىچىك مەلىكە كىشىلەر ئارىسىغا قايتىپ كەلدى.
بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئەنگىلىيىدە ئەڭ بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاق 23 ھەپتىلىك بولۇپ، دۇنيا رىكورتى بولسا 22 ھەپتە ئىكەن.بۇ خىل ئەھۋال بەلكىم ئەنگىلىيىنىڭ بالا چۈشۈرۈش قانۇنىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىش ھەركىتىنى قوزغاپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن بالا چۈشۈرۈشنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ھامىلدارلىق مەزگىلىنى 22 ھەپتىدىن 20 ھەپتىگە چۈشۈرۈشى مومكىن.

ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، قوش كېزەكلەرنىڭ ئىنىسى ئاچىسى تۇغۇلۇپ ئون كۈندىن كىيىن تۇغۇلغان. مىدىتسىنا ساھەسىدە بۇ خىل ئەھۋال ئىنتايىن ئاز ئۇچىرايدىكەن.
